ياخششىمۇسىلەر كۆپچىلىك ، سىلەر بەلكىم m3u8 تىپىدىكى سۈرەتلىك سىن ھۆججىتىنى كۆرۈپ باققان ياكى كۆرۈپ باقمىغان بولۇشىڭلار مۇمكىن . ئادەتتە سىن قويغۇچنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسى ياكى تور بەت مەنبە كودى ئارقىلىق كۆرۈنمە چاستوتىنىڭ قويۇش ئادرېسىغا ئېرىشمەكچى بولساق ، بىز پەقەت بىر m3u8 ھۆججەت شەكلىدىكى ئادرېسقىلا ئېرىشەلەيمىز ، بىزنىڭ ئارىمىزدا بۇنداق سىن ھۆججىتىگە ئۇچراپ باققانلار كۆپقۇ دەيمەن ، ئەمەلىيەتتە بۇ خىل كۆرۈنمە چاستوتىنى چۈشۈرگىلى بولىدۇ .
m3u8 بولسا پەقەت بىر قويۇش تىزىملىكى ھۆججىتى خالاس ، ئۇنىڭ ئەسلى قىياپىتى بولسا بىر تېكىست ھۆججىتىدىن ئىبارەت .
m3u8 نىڭ بۇ خىل ھالەتتىكى كۆرۈنمە چاستوتىنى قويۇش ئۇسۇلى بولسا بىر خىل كۆچمە ۋاستىلىك تارقىتىش كېلىشىمى ، ئەلۋەتتە بىز ئەڭ ئاخىرقى كۆرۈنمە چاستوتىلىق ھۆججەتكە ئېرىشەلمەيمىز ، ئۇنىڭ ئاساسلىق پىرىنسىپى بولسا پۈتۈن بىر ھالەتتىكى چوڭ ھىن ھۆججىتىنى ھۆججەتنى بۆلەككە بۆلۈش بولۇپ ، بۇ بۆلەككە بۆلۈنگەن ھۆججەت مەنبەسى يولى m3u8 ھۆججىتى ( يەنى playlist ) ئىچىگە خاتىرىلىنىدۇ ، بۇنىڭ ئىچىدە قوشۇمچە بىر قىسىم ئارتۇقچە ئۇچۇرلار ( مەسىلەن ، بۇ مەنبەنىڭ كەڭ بەلباغ ئۇچۇرى دېگەندەك ) ئابونت تېرمىنالىغا تەمىنلەشكە ئىشلىتىلىدۇ . ئابونتلار تېرمىنالى بۇ m3u8 ھۆججىتىگە ئاساسەن مۇناسىپ تاراتقۇ مەنبەسىگە ئېرىشەلەيدۇ .
شۇڭا بۇ خىل كۆرۈنمە چاستوتىنى چۈشۈرۈش پىرىنسىپى ئەمەلىيەتتە بۇ خىل بۆلەكلەر بويىچە چۈشۈرۈپ ئاندىن بىر ھۆججەتكە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت .
ئەمدى بۈگۈن سىلەرگە دەل مۇشۇنداق دېتالدىن بىرنى ئېلىپ كەلدىم . ( كومپىيۇتېر دېتالى ، تېلفۇننىڭ ئەمەس )
بۇ يۇمشاق دېتالنى قاچىلىغاندىن ، ھەرقانداق تور بەتتىكى m3u8 تىپىدىكى سىن ھۆججەتلىرىنى ئاساسەن چۈشۈرەلەيسىز ، ئىشلىتىشمۇ ئىنتايىن ئاددىي ، پەقەت m3u8 ھۆججىتىنى ياكى m3u8 نىڭ ئادرېسىنى دېتالنىڭ سول تەرىپىدىكى ئادرېس ئىستونىغا چاپلاپ چۈشۈرۈش بۇيرۇقىنى بېرىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ .
ئەلۋەتتە دېتالنى مەن ئۈزۈم ئىشلىتىپ سىناپ باقتىم ، نورمال چۈشۈرگىلى بولىدىكەن ، ئەگەر ئېھتىياجىڭلار بولسا چۈشۈرۈپ ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ ، باشقىلارغىمۇ تەۋسىيە قىلىپ تارقىتىپ قويۇڭلار ، مۇشۇنداق دېتاللارنى پۇل خەجلەپ ئېلىپ ئىشلىتىۋاتقان دوستلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس .
ئەمدى دېتالنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن مۇشۇ مەزمۇننى دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىپ ، مەزمۇننىڭ ئاستىدىكى ئېلاننى بىرنى چېكىۋەتكەندىن كېيىن ئاستىدىكى كودنى سېكاننىرلاپ كىرىپ سالونغا m3u8 دەپ يوللاپ چۈشۈرىۋالساڭلار بولىدۇ .
ئاستىدىكى ئېلانلارنى سىلەرگە تاپشۇردۇم ئەمىسە
مەزمۇن تامام ، سالونىمىزنى ياقتۇرسىڭىز دوستلىرىڭىزغا ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ ھەمدە 在看 نى بېسىپ قويۇڭ ، مانا بۇ مەن ئۈچۈن ئەڭ زور قوللاش ۋە رىغبەتلەندۈرۈشتۇر . شۇندىلا مەن تېخىمۇ سەرخىل مەزمۇنلارنى تەييارلاشقا تىرشىمەن !
سالونىمىز مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز باشقا سالون ۋە توربەتلەرگە كۈچۈرۈپ يوللىماڭ . بايقالغان ھامان تىڭشۈن تەرەپكە پاش قىلىنىدۇ !